شېنجېندە ئۈچ چوڭ كۈچ، ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «بىرلىك» | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 29-سان
From ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى — Radio Free East Turkistan (RFET) · 48:28
Show by Stichting Uyghur Omroep
Got something to say to this podcast? Send a voicemail, and you might hear yourself on the next episode!بۇ ساندا ئۈچ تېمىغا نەزەر سالىمىز:1. 12-ئوغلاق (نويابىر): 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. بۇ يىل 1933-يىلدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ 93 يىللىقى، 1944-يىلدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ 82 يىللىقى.2. گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدراتسىيەسى 2026-يىلى 8-ئوغلاق (نويابىر) دا روتتېردامدا 2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن گوللاندىيەدە بىرلىك» يىغىلىشىنى ئۆتكۈزدى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلىدى.3. شېنجېندىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد ھەمكارلىقى (APEC) يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا، روسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم ئۈچ تەرەپلىك ئۇچراشتى ۋە «تىنچلىق» خىتابنامىسى ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنىي دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ۋەدىسىمۇ بار. بىز ئوقۇغان مەنبەلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنمىغان.پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى مۇدىرىيەت رەئىسى، سىياسىي كۈزەتكۈچى ۋە تەھلىلچى نىجات تۇرغۇن بەگ بىلەن بۇ تېمىلار ھەققىدە ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبەتنى ئاڭلايسىز.ۋاقىت بۆلەكلىرى:0:00 باشلىنىش ۋە ماۋزۇلار1:50 12-ئوغلاق (نويابىر): ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش5:19 گوللاندىيەدە «بىرلىك» يىغىلىشى ۋە دۇنيادىكى خاتىرىلەشلەر7:04 شېنجېندە ئۈچ چوڭ كۈچ: «تىنچلىق» خىتابنامىسى ۋە «دەخلىسىزلىك» ۋەدىسى15:26 ئومۇمىي ئانالىز: خاتىرە، بىرلىك ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ ھېسابى16:35 نىجات تۇرغۇن بەگ بىلەن سۆھبەت: ئىككى جۇمھۇرىيەت23:31 سۆھبەت: «بىرلىك» يىغىلىشى ۋە خاتىرىلەشلەر30:59 سۆھبەت: شېنجېن ئۇچرىشىشى ۋە دەخلىسىزلىك41:53 سۆھبەت: ئومۇمىي خۇلاسە47:18 خۇلاسە ۋە ئاخىرلىشىشپروگراممىمىز سىزگە ياققان بولسا، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ ۋە قاراشلىرىڭىزنى ئىنكاس بوشلۇقىغا يېزىڭ. Telegram: @urtlive#ئۇيغۇر #شەرقىيتۈركىستان #Uyghur #EastTurkistan #APEC #Shenzhen
More episodes of ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى — Radio Free East Turkistan (RFET)
More episodes
- مىللىي كىملىك دېگەن نېمە؟ | بىز كىم؟ — ئۇيغۇرلۇق سۆھبىتى، 1-سان
- ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 28-سان
PodSearch is a free, independent podcast search engine. Read about PodSearch, the privacy policy or contact us.