مىللىي كىملىك دېگەن نېمە؟ | بىز كىم؟ — ئۇيغۇرلۇق سۆھبىتى، 1-سان
From ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى — Radio Free East Turkistan (RFET) · 1:05:30
Show by Stichting Uyghur Omroep
Got something to say to this podcast? Send a voicemail, and you might hear yourself on the next episode!ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسىنىڭ يېڭى سۆھبەت پروگراممىسى «بىز كىم؟ — ئۇيغۇرلۇق سۆھبىتى» نىڭ تۇنجى سانىدا ئەڭ ئاساسىي سوئالدىن باشلايمىز: مىللىي كىملىك دېگەن نېمە؟1. ئاساسىي چۈشەنچە — ئادىلجان بەگنىڭ قارىشىچە، «مەن كىم؟» دېگەن شەخسىي سوئال بىلەن «بىز كىم؟» دېگەن ئورتاق سوئال بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. مىللىي كىملىك تۇغۇلۇش بىلەنلا تاماملانمايدۇ؛ ئۇ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئىچىدە ئۆگىنىلىدىغان بىر ئۆمۈرلۈك جەريان. سۆھبەتتە تىل، تارىخ، زېمىن، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئورتاق خاتىرىنىڭ رولى ئۈستىدە توختالدۇق. «مىللەت»، «خەلق» ۋە «ئېتنىك توپ» ئاتالغۇلىرىنىڭ پەرقىگىمۇ توختالدۇق.2. ۋەتەن ۋە دىئاسپورا — ئادىلجان بەگنىڭ قارىشىچە، ۋەتەندىكى ئاساسىي مەسىلە كىملىكنى تەبىرلەش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنىشى؛ دىئاسپورادىكى ئاساسىي خەۋپ بولسا ئۇنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش زەنجىرىنىڭ ئاجىزلىشى. ئۇ دىئاسپورادىكى ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر ۋە قوش كىملىككە توغرا مۇئامىلە قىلىنسا، ئۇلارنى ئاجىزلىق ئەمەس، كۈچ دەپ قارايدۇ.3. ئورتاق خاتىرە — پروگراممىنىڭ بېشىدا 1933-يىلى 12-ئوغلاق (نويابىر) دا قەشقەردە ۋە 1944-يىلى 12-ئوغلاق (نويابىر) دا غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىدۇق. ئادىلجان بەگنىڭ قارىشىچە، بۇ تارىخنى خاتىرىلەش پەقەت مۇراسىم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ياشلار ئۇنى ئىلمىي نۇقتىدىن، تارىخىي مەنبەلەرگە تايىنىپ ئۆگىنىشى ۋە ئائىلىدىكى ئەسلىمىلەرنى توپلىشى لازىم.مېھمان: دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر، تۈركىيەدىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان تىلشۇناسرىياسەتچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇرۋاقىت بۆلەكلىرى:0:00 كىرىش0:30 كىرىش سۆزى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەت3:22 بۇ ساننىڭ سوئالى3:55 1-سوئال: كىملىك ۋە مىللىي كىملىك دېگەن نېمە؟8:53 2-سوئال: مىللىي كىملىك تۇغمىمۇ ياكى ئۆگىنىلەمدۇ؟15:35 3-سوئال: تىل، تارىخ، زېمىن، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئورتاق خاتىرە18:27 4-سوئال: «مىللەت»، «خەلق» ۋە «ئېتنىك توپ»23:47 2-قىسىم — 6-سوئال: ۋەتەندىكى بېسىم ۋە دىئاسپورادىكى سىڭىپ كېتىش خەۋپى29:07 5-سوئال: بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلىرى34:10 7-سوئال: دىئاسپورادىكى ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر — بىزنى ئاجىزلاشتۇرامدۇ ياكى بېيىتامدۇ؟41:21 8-سوئال: قوش كىملىك — خەۋپمۇ ياكى كۈچمۇ؟48:27 9-سوئال: ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ۋە مىللىي كىملىك54:53 10-سوئال: دىئاسپورادىكى ياش ئەۋلاد ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قانداق خاتىرىلىشى كېرەك؟1:01:35 ئاخىرقى سوئال: كېيىنكى ئەۋلادقا بىر جۈملە1:03:37 خوشلىشىشپروگراممىمىز سىزگە ياققان بولسا، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ ۋە قاراشلىرىڭىزنى ئىنكاس بوشلۇقىغا يېزىپ قالدۇرۇڭ.#ئۇيغۇر #شەرقىيتۈركىستان #Uyghur #EastTurkistan #بىزكىم #مىللىيكىملىك #EastTurkistanRepublic
More episodes of ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى — Radio Free East Turkistan (RFET)
More episodes
- شېنجېندە ئۈچ چوڭ كۈچ، ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە «بىرلىك» | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 29-سان
- ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 28-سان
PodSearch is a free, independent podcast search engine. Read about PodSearch, the privacy policy or contact us.